ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئارىشاڭ ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ئارىشاڭنىڭ يەر مايدانى 5،900 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 70،000.
تارىخ
[تەھرىرلەش]ئارشاڭ ناھىيىسى تەۋەسىدە ئارشاڭ بولغانلىقىدىن ئارشاڭ دەپ ئاتالغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇسۇنلارنىڭ يېرى بولغان. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈركلەرگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلى سالغۇتىغا قاراشلىق چاغار موڭغۇل لەشكىرى سول قاناتنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرىدىغان يېرى بولغان. مىنگونىڭ 27 - يىلى (1938 - يىلى) ئارشاڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنىپ، ئىلى مەمۇرىي رايونىغا قارىغان، مىنگونىڭ 31 - يىلى (1942 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ناھىيە تەسىس قىلىنغان. 1954 - يىلى ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىدىن بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئايرىپ بېرىلگەن.
جۇغراپىيە
[تەھرىرلەش]ئارشاڭ ناھىيىسى غار ئويمانلىق غەربىي چېتىگە، بۆرتالا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جالاشقان. شەرقتىن بورتالا شەھىرى بىلەن جەنۇبتىن قورغاس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب ۋە شىمال تەرەپتىن قازاقىستان بىلەن چېرگىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 275 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 139.4 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقىچە بولغان كەڭلىكى 64.8 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 5663.7 كۋادرات كىلومېتىر. بۇ ناھىيىگە 2 بازار، 4 يېزا، 46 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە ئىلشەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 5 - شىسىنىڭ 2 تۇەن - مەيدانى ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قارايدىغان بىر ئورمانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 613 كىلومېتىر. 1995 يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 72 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 14.76% نى، خەنزۇلار 61.81% نى، باشقا مىللەتلەر 23.43% نى تەشكىل قىلىدۇ.
ناھىيىنىڭ جەنۇبىي، غەربىي، شىمالىنى تاغ قورشاپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى ۋە ئېدىرلىق 70.5% نى، تۈزلەڭلىك 25.6% نى، سۇ يۈزى 3.9% نى ئىگىلەيدۇ. بورتا دەرياسى ناھىيىدىكى بىردىنبىر دەريا ھېسابلىنىدۇ، يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى مىقدارى 928 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك راونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 340 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قارا تايغان بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، تاغ ئۆچكىسى، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، شىنجاڭ شىمال سۈلەيسۈنى قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سوغىگۈ، چاكاندا، چوڭ يوپۇرماقلىق جىنتىيانا، ئەڭلىك ئوت، قان تېپەر، قار لەيلىسى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن تۆمۈر، ، مىس، ئاليومىن، سىنك، قەلەي، نىئوبىې، تانتال، لىتې، چرىمتال قاتارلىقلار بار. ئارشاڭ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ يېرىم قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇراىسى 3.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 32.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 35.9℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2869.2℃ سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2395.4℃، قىروسىز مەزگىلى 138 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 201.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1558.1 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە ئۈنۈملۈك شامال ئېنېرگىيىسى ھەر كۋادرات مېتىر يەرنىڭ 360 كىلوۋات سائەت. ئارشاڭ ناھىيىسى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، چارۋىچىلىق بىلەن دېھقانچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن ناھىيە. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 18 مىڭ 700 گېكتار ( 281 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 60 مىڭ 200 گېكتار (903 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 412 مىڭ 800 گېكتار (6 مىليون 192 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 17 مىڭ 200 گېكتار (258 مىڭ مو) قاقاس يېرى بار، چارۋىچىلىقتا قوي ئاساس قىلىنىدۇ. كالا، ئات، ئۆچكە بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. چارۋا مەھسۇلاتلىرىدىن قوي يۇڭى، تىۋىت، تۆگە يۇڭى قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىردىن بۇغداي، مايلىقدان، قىزىلچا، كۆممىقوناق قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئاشلىق، ماي، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىقلار بار.
مەمۇرىي رايون
[تەھرىرلەش]ئىقتىساد
[تەھرىرلەش]ئاساسىي قۇرۇلۇش
[تەھرىرلەش]ئارشاڭ ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشمەكتە. بۆرتالا دەرياسىنىڭ جەنۇبىي شىمالى قىرغىقىدىكى ئىككى ئاسفالىت يول خارابۇخ بازىرىدا تۇتىشىدۇ. ناھىيىدىن بۆرتالا شەھىرىگە بارىدىغان تاشيول بارلىق يېزا، بازارلارغا تۇتىشىدۇ. ھازىر 0030 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى.
نۇپوس ئىستاتىستىكا
[تەھرىرلەش]تەربىيە
[تەھرىرلەش]ساياھەتچىلىك
[تەھرىرلەش]مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەنزىرىلىك مەشھۇر جايلاردىن يىتپېرخە قەدىمكى شەھىرى، ئىكسۇم بۇتخانىسى، قەدىمكى تاش سىزما، تاش ئويما، تاش ئادەم، قەدىمكى قەبرىلەر شۇنىڭدەك بۆگدۆر ئارشىڭى، ئوتوگىسەر ئارشىڭى، ئارشات ئارشىڭى قاتارلىقلار بار. بۆگدۆر ئارشىڭى مەشھۇر داۋالىنىش ئورنى.
مائارىپ
[تەھرىرلەش]تەنھەرىكەت يىغىنى
[تەھرىرلەش]سىرتقى ئۇلاش
[تەھرىرلەش]